بىرىنچى قىسىم 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6-7 ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. Gade chapit la |
قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى شوبال بولۇپ، قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكىلەر، ھاروئەلەر ۋە ماناخات شەھىرىنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يىترى جەمەتى، پۇتى جەمەتى، شۇما جەمەتى ۋە مىشرا جەمەتىدىن تەشكىل تاپقانىدى. زورئاھ ۋە ئەشتائول خەلقىمۇ شۇ جەمەتلەردىن كېلىپ چىققانىدى.