40 ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى.
ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قوللىرى بىلەن ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردۇر:
ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى.
دېمەك، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ جەمەت نەسەبنامىلىرىدا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەنىدى. يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى.