Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 8:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 8:28
11 Referans Kwoze  

لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار داۋاملىق بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلاردىن ھەر ئون ئائىلىدىن بىرىنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.


زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى.


يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ،


ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.


يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.


بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر: مىشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ، (مىشۇللام ھوداۋيانىڭ ئوغلى، ھوداۋيا ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى ئىدى) يىروخامنىڭ ئوغلى يىبنېيا، ئۇززىنىڭ ئوغلى، يەنى مىكرىنىڭ نەۋرىسى ئەلاھ، شىفاتيانىڭ ئوغلى مىشۇللام (شىفاتيا رىئۇئېلنىڭ ئوغلى، رىئۇئېل يىبنىيانىڭ ئوغلى ئىدى).


يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite