Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 7:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 7:29
12 Referans Kwoze  

ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.


لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى.


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ: _ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى.


تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:


ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشانغا ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل ئىدى.


ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەتنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشانى شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى.


جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو سۇلىرى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈش ئولجىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite