Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 7:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 7:22
6 Referans Kwoze  

ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى بار ئىدى. ئۇلار تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار ئىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراش ۋە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە يوقلاپ كېلىشكە پۈتۈشۈپ، يۇرتلىرىدىن كېلىشكەنىدى.


ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى.


نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.


تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


ئەفرايىم ئايالى بىلەن يەنە بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى.


ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ: _ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى. ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite