14 ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.
خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى.
ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.
بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.
ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.
ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا خوتۇن ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى.
يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى: