47 سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنى قىلىش ئىدى.
مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى.
مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.
ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،
مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.
مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى،
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.
لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى.