بىرىنچى قىسىم 5:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە. Gade chapit la |
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ.