بىرىنچى قىسىم 5:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى. Gade chapit la |
يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان مىئۇن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەرلەردە قويلىرىغا يايلاقلار بار ئىدى.
شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.