20 ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى.
سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.
ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى.
ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.
يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىغا ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.
پەرۋەردىگار ياخشىدۇر، ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر، ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى قوغدايدۇ.
ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى.
لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى يەنە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ ئۇنى ياتقان تۆشىكى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى.
مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى.
ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.
شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.
بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۈمىدىمىزنى ئەيسا مەسىھكە ئەڭ ئاۋۋال باغلىغان بىزلەر ئارقىلىق شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.
كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.
ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.
پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر سولانغان ئورەكدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلدى، ئۇ ساق-سالامەت ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى.
گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرار. لېكىن ئۇ كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، زەربە بېرەر.
سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى.
شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەلىكلەر مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى.
ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى.
پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.
بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.
مەن سېنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن. سەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»