بىرىنچى قىسىم 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى. Gade chapit la |
ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.
ھالبۇكى، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئاتامنىڭ جەمەتىدىن مېنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھلىقىغا مەڭگۈلۈك تاللىدى. پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىنى يېتەكچى قىلىپ تاللىدى، ئاندىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن مېنى تاللىدى. ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنلىكىدىن خۇشال بولدى.