12 يوئېل باشاندا يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى.
گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى.
گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتتىن تەركىب تاپقانىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر.