Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 4:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يابېز ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى بەك جاپادا تۇغدۇم، دەپ ئىسمىنى يابېز [ئىبرانىي تىلىدىكى «جاپا» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويغانىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 4:9
10 Referans Kwoze  

ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى.


خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى.


شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىناغا كۆيۈپ قالغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى.


ئەفرايىم ئايالى بىلەن يەنە بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى.


ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بەنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ ئاتىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»


مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ھەم ئەزىز، مەن سىلەرنى سۆيىمەن. شۇڭا ھاياتىڭلارنى ئۇلار بىلەن تېگىشىپ، سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن.


ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. قوز ئاخارخېل جەمەتىنىڭمۇ ئەجدادى بولۇپ، ئاخارخېل ھارۇمنىڭ ئوغلى ئىدى.


يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.


ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite