Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 4:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان مىئۇن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەرلەردە قويلىرىغا يايلاقلار بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 4:41
13 Referans Kwoze  

ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئىدومغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. تېمان شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.


سىدونلۇقلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار سىلەرنى ئەزگەن چاغدا، سىلەر ماڭا نالە قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم.


غەربىي جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەبنامىلىرىنى يېزىپ قويغانىدى.


ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.


كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى.


ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى.


ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە،


ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋەتتى ۋە نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، تۆگىلەرنى ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite