11 شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى.
يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى.