Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 4:1
16 Referans Kwoze  

يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،


لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى: _ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.


ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام ھېسروننىڭ ئوغلى، ھېسرون پارەسنىڭ ئوغلى، پارەس يەھۇدانىڭ ئوغلى،


يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى،


خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئازۇبا ۋە يىرىئوت ئىسىملىك ئاياللىرى بار ئىدى. ئازۇبادىن يېشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىسىملىك ئوغۇللار تۆرەلدى.


خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


پەرەسنىڭ خەزرون ۋە خامۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.


پەرەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى،


ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى.


شوبالنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى ياخات ئىدى. ياخاتنىڭ ئوغۇللىرى ئاخۇماي ۋە لاھاد ئىدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.


يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى.


يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى.


كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى.


مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite