Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان،

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 3:2
20 Referans Kwoze  

كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىر شەھىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.


شۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئايالى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە ئەللىك چاپارمەن ھازىرلىدى.


پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.


ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە شۇنىڭدىن بېرى «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى ۋە قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم پىستە دەرىخىدە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ تېخىچە ھايات ئىدى. يوئاب ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزىلەرنى تىقتى.


مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.


ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.


داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى.


تۆتىنچى ئوغلى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچى ئوغلى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا،


ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.


ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،


پادىشاھ سۇلايمان ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئەبىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى.


داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون، يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان، ئىككىنچى ئوغلى دانىيال، كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان،


بەشىنچى ئوغلى شىفاتيا، ئابىتالدىن تۇغۇلغان، ئالتىنچى ئوغلى يىترىئام، يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان.


ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئادونىيا ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite