12 ئامازيا، ئۇززىيا، يوتەم،
ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى.
ئۇززىيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.
پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.
يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى.
رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇززىيانى جازالاپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
يىھورام، ئاخازيا، يوئاش،
ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە،
ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، ئوغلى يوتەم تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.