Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 29:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 29:1
17 Referans Kwoze  

داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بولسۇن. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قوياي» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.


ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.


ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مۇتتەھەملەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.


كىچىكىمدە ئالغانمەن ئاتامنىڭ تەربىيىسىنى، ئىدىم مەن ئانامنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىقى،


ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىبادەتخانىنى سېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»


سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.


پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىگە ۋارىس قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.


داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىلىدىغان تاشلارنى يونۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى.


سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite