بىرىنچى قىسىم 28:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ. Gade chapit la |
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»
چۈنكى، شەھەر ئىچىدە ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە «مەلۇم بولمىغان خۇداغا» دەپ بېغىشلىما يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر دەل سىلەرگە مەلۇم بولمىغان، لېكىن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مانا شۇ خۇدانى سىلەرگە تونۇشتۇراي.
خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.