Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەگەر ئۇ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى بۈگۈنكىدەك قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:7
14 Referans Kwoze  

ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.


سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇڭلار. ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار!


ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.


ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»


سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغانىدى، ئەمما ئۇ ئاتىسىدەك سادىق بولمىدى.


خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.


ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite