6 پەرۋەردىگار ماڭا: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ئىبادەتخانامنى سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى ياسايدۇ. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى بولىمەن.
لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.
بىراق، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ» دېگەن.
لېكىن، ئۆي سالغۇچى ئۆزى سالغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق ماختىنىشقا سازاۋەر بولغىنىدەك، ئەيسا مەسىھمۇ مۇسا پەيغەمبەردىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر.
مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،
پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.
ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ، بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.
ئۇ ئادەم ئىمارەتنىڭ خانىسىنى ئۆلچىدى، ئۇ 30 مېتىر ئىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاشقىرىقى ھويلا ئوراپ تۇراتتى.