Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:5
19 Referans Kwoze  

داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. سۇلايمان ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.


پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىلىدۇ.


مەن ئۇنى ئۆز خانىدانلىقىم ۋە پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدىي قىلىمەن.»


ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار مېنى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى.


ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ، بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.


پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.


سىلەر تىكلەيدىغان پادىشاھ چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ئىسرائىللاردىن بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولمىسۇن.


دەرھال پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇرۇن ئۆزلىرى ئاجىزەلىرىگە: ‹ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىلە؟ ئەمدى ئادونىيا قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟» دېسىلە.


ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىگە ۋارىس قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.


ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىڭلار. ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى.


داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite