Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھالبۇكى، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئاتامنىڭ جەمەتىدىن مېنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھلىقىغا مەڭگۈلۈك تاللىدى. پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىنى يېتەكچى قىلىپ تاللىدى، ئاندىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن مېنى تاللىدى. ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنلىكىدىن خۇشال بولدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:4
18 Referans Kwoze  

يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سەن رازىمەنلىك بىلەن بەخت ئاتا قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئاتا قىلغان بەختىڭ بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن ۋە ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.


رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.


گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.


گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.


ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.


بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى.


ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دېيىشتى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite