Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. داۋۇت يەنە سۇلايمانغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرغان ئالتۇن كېرۇبلارنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ «ھارۋىسى»نىڭ لايىھەسىنىمۇ بەردى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:18
13 Referans Kwoze  

شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار «مېھىر-شەپقەت تەختى» دەپ ئاتالغان ساندۇق ئاغزى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى مەن بۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.


ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.


ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.


خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.


ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.


سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە،


شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى.


ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن چەينەك، ئالتۇن قاچىلار، كۈمۈش قاچىلار ۋە


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite