Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 داۋۇت سۇلايمانغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:12
16 Referans Kwoze  

ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدە ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا: ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپنى بەردى:


ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.


_ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدىم.


بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


داۋۇت ئوغلى سۇلايمانغا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى، ئامبارلىرى، يۇقىرى خانىلىرى، ئىچكىرى خانىلىرى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ، يەنى گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى بەردى.


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.


غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.


ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.


شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. پادىشاھ سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.


_ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite