Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 28:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 داۋۇت ئوغلى سۇلايمانغا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى، ئامبارلىرى، يۇقىرى خانىلىرى، ئىچكىرى خانىلىرى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ، يەنى گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى بەردى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 28:11
28 Referans Kwoze  

داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.


ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى.


بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جايغا ئۆز سەدىقىلىرىنى تاشلاۋاتقان بىرنەچچە باينى كۆردى.


دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى.


_ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.


ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.


ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.


ئىبادەتخانىغا يانداش سېلىنغان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىملىرى ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىغا قويۇلغانىدى.


ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.


داۋۇت سۇلايمانغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى.


ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite