10 سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ئىبادەتخانامنى سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى ياسايدۇ. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى بولىمەن.
ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.
ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى.
ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىگە ۋارىس قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
_ مېنىڭ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشىغىن.
ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ ئىش قىلغاندا قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، ھەرگىز قورقمىغىن ھەم بوشىشىپ قالمىغىن! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا ياردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، سەندىن ئايرىلمايدۇ ۋە سېنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.