6 بىنايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.