16 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر، شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا،
ناخورنىڭ توقىلى رىئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار تەباخ، گاخام، تاخاش ۋە مائاكا ئىدى.
مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى.
ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا، ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى زادوق،
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.
ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا باردى.
تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،
بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى.
پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.