Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 27:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇنلارنى ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ باشقۇراتتى. ھەربىر قوشۇن 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 27:1
18 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»


پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.


داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى،


سۇلايمان ئۇلاردىن ھەر ئايدا 10 مىڭ ئادەمنى نۆۋەت بىلەن لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى.


يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي، نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى.


سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئوردىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل 12 ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى.


بەزىلىرىنى مىڭ بېشى، بەزىلىرىنى ئەللىك بېشىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرىنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، شۇنداقلا قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.


شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم.


ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى.


پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن 2700 نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.


بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشوبئام بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدا 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز سوۋغاتلىرىنى خالىس ھالدا ھەدىيە قىلدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى.


داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.


تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.


سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite