9 مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمئىي 18 ئادەم بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.
شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى.
دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەندى: كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا.
ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي 62 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كىشىلەر ئىدى.
مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئوغلى شىمرى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى.