Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 26:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي 62 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كىشىلەر ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 26:8
7 Referans Kwoze  

كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


ئۇ ئادەم ھەر بىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.


ئۇلار ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.


مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمئىي 18 ئادەم بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite