Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 26:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4-5 خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن ئوبېد-ئىدوم سەككىز ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. چوڭ ئوغلى شىمايا، ئىككىنچىسى يىھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاخ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نىتانئېل، ئالتىنچىسى ئاممىئېل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پىئۇللىتاي ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 26:4
11 Referans Kwoze  

ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى.


شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى.


ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.


ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. باشقىلار: يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالىدىغان بولدى.


ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق لىرا چېلىشقا تەيىنلەندى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلدى.


خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.


بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يىھوخانان، يەتتىنچىسى ئەليىھوئېناي ئىدى.


پادىشاھ داۋۇت پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقى سەۋەبى بىلەن ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇت شەھىرىگە يۆتكەپ ئەكەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite