Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 26:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن 2700 نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 26:32
7 Referans Kwoze  

ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.


بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا پادىشاھ داۋۇت، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى.


مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەتكە قويۇلغانىدى.


ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىڭلار ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى.


تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇنلارنى ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ باشقۇراتتى. ھەربىر قوشۇن 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.


يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite