Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 26:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ساقلاناتتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 26:26
13 Referans Kwoze  

پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.


قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن 3500 توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكىن.


پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.


تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت ئىدى.


ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەدىيە قىلاتتى.


يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى)،


مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.


لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.


خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.


ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 139 كىشى.


ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite