21 گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاداننىڭ جەمەتىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى،
گېرشومنىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
كىمدە قىممەتلىك تاشلار بولسا، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشوم ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى.
گېرشومنىڭ ئوغۇللىرى: لىبنى ۋە شىمئى.
تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،
ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
يىخىئېلىنىڭ ئوغلى زېتام ۋە ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
لاداننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يىخىئېل، زېتام ۋە يوئېل. جەمئىي ئۈچ ئوغۇل.