18 غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى.
ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتالغان جەڭ ھارۋىلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.
شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر دەرۋازىلاردا كۆزەتچىلىك قىلاتتى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇراتتى.
ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى.
يۇقىرىدىكىلەر كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن كۆزەتچىلىك ۋەزىپىلىرىدۇر.