Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 26:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 26:12
7 Referans Kwoze  

بۇلار ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.


ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ: _ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، بارگاھتا ئادەممۇ، ھېچبىر سادامۇ يوق. پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.


قالغان ئوغۇللىرى خىلقىيا، تىباليا ۋە زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن 13 ئادەم ئىدى.


جەمەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.


ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە.


لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite