لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، تاشلانغان چەكلەرنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تاشلاشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تاشلىدى.