Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 24:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، چەك تاشلاش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئادىل بۆلۈپ بېرىلدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 24:5
17 Referans Kwoze  

بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا پادىشاھ داۋۇت، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى.


مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يەھيا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى.


دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى.


تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،


ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.


كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


ۋە سىرايا. سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.


ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە بەردى. خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇل روھانىيلىرى باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.


ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى 16 توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز توپقا بۆلۈندى.


جەمەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.


بۇلار ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن، سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite