Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 24:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 24:2
11 Referans Kwoze  

شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى.


لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.


ۋە باش كىيىم كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىغىن. شۇندىلا ئۇلار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجراتقىن.


مۇسا، ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ھەمدە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.


ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.


ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite