بىرىنچى قىسىم 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈندى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. Gade chapit la |
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.
لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.