Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 23:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 23:6
18 Referans Kwoze  

سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.


مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتقا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز توپلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.


پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.


شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى.


خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.


دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەندى: كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا.


ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈندى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


گېرشومنىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


داۋۇت سۇلايمانغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەش، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە ئۇلار خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى.


باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى.


ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.


قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.


سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ھازىرلىنىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite