Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 23:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ياساتقان چالغۇلارنى چېلىشقا مەسئۇل قىلدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 23:5
23 Referans Kwoze  

سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ، چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر.


ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار: «ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»


سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.


روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.


پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.


ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.


ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى.


لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى.


پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ ئەكېلىپ باقمىدى ھەم ھېچكىممۇ بۇنچىلىك كۆپ ياغاچلارنى كۆرۈپ باقمىدى.)


ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ: _ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، بارگاھتا ئادەممۇ، ھېچبىر سادامۇ يوق. پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.


داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەت قىلىشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا رەھمەت ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى.


ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى.


ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ ماڭدى. يېرۇسالېمغا كەلگەندە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.


شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite