Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 23:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 داۋۇت ئۇلارنىڭ 24 مىڭ نەپىرىنى ئىبادەتخانىنى سېلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 23:4
16 Referans Kwoze  

يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.


ئۇززى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.


زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ باشلىقى، ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.


لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.


ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە بارلىق ھېيت-بايراملارغا ۋە مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلسۇن.


باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite