Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 23:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 23:25
18 Referans Kwoze  

_ پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»


پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.


ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.


خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.


رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.


ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟


كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.


ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟


بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگار قان قەرزگە بوغۇلغان دۈشمەنلەرنى جازاسىز قويمايمەن. مەن سىئوندا ياشايمەن.»


باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى.


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite