18 قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.
شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ساقلاناتتى.
يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىلوموت، شىلوموتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياخات،
قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇ 133 يىل ئۆمۈر كۆردى.
ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.
قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.