1 داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.
پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.
سەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى پىشقان بۇغدايدەك ئورىلىسەن.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى.
سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.
داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى.
ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئىش سىلىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بولدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، تەختلىرىگە كىمنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئەمەلدارلىرىغا ئېيتمىدىلا؟ _ دېدى.