Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 22:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 22:6
15 Referans Kwoze  

مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى،


خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما.


ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە يوليورۇقلارنى بەرگەنىدى.


پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى.


شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئىبرامنى، ئايالىنى، ئادەملىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ، چېگرادىن چىقىرىۋەتتى.


داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا، ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:


ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.


ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگارنىڭ پۇتىنى قويىدىغان يېرىدۇر. مەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite